1- ئاينىڭ 23- كۈنى، شۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى ئالەن بېرسى (ئارقا رەت سولدىن بىرىنچى كىشى) 48- نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، 48- نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ كىچىك بازىرى داۋوستا باشلاندى. يىغىندا، «بۆلۈنمە ھالەتتىكى دۇنيادا ئورتاق تەقدىر بەرپا قىلىش» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا، جۇغراپىيەلىك ئسىتراتېگىيە رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان ۋەزىيەت ئاستىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتى، ھەمدە خەلقئارانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش ۋە يەر شارى ئىقتىسادى قاتارلىق جەھەتلەردىكى زور مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى