خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-يانۋار كەچتە، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 30-ئايلانما مۇسابىقىسى باشلاندى، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 125 دە 108 نەتىجە بىلەن توڭشى كوماندىسىنى يەڭدى.
گەرچە، مۇسابىقىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا شىنجاڭ كوماندىسى مەيداندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن توڭشى كوماندىسى پارگونىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، 2-چارەك مەيداندا نومۇرنى ئاشۇردى، ئۇندىن كېيىن ئىككى تەرەپ كەسكىن جەڭگە كىردى. بىراق، ئادامسنىڭ 45 نومۇر ئېلىش، 10 ھۇجۇم پاس بېرىشتەك قالتىس ئىپادىسى بىلەن ، شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرىدا 108 گە قارشى 125 نومۇر بىلەن توڭشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلىبىگە ئېرىشتى.
سانلىق مەلۇمات جەھەتتە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئادامس 45 نومۇر، سەككىز گاردىن قايتقان توپ، 10 ھۇجۇم پاس، ئالتە قېتىم توپ تالىشىشتەك ئومۇمىي سانغا ئېرىشتى. يەنە بىر چەت ئەللىك ئەزا لىيما 22 نومۇر ئېلىش، 18 گاردىن قايتقان توپنى تۇتۇشتەك ياخشى ئىپادىسىنى نامايان قىلدى. قىران بەكرى 14 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ، يۈ چاڭدۇڭ 12 نومۇر، يەتتە گاردىن قايتقان توپ، لى گېن ۋە سۈن توڭلىن ئوخشاش ھالدا سەككىزدىن نومۇر ئالدى. توڭشى كوماندىسىدىن پارگو كوماندىسى بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان 34 نومۇر ئالدى، ھىكسون 30 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ، بەھرامى 17 نومۇر يەتتە گاردىن قايتقان توپ، گو يىفېي 11 نومۇر ئالدى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز ھۇجۇمدا ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدىكى ياخشى ئىپادىمىزنى ساقلىدۇق، توپ چۈشۈش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا، بىزنىڭ مۇداپىئە قىلىشىمىز ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، بولۇپمۇ قارشى تەرەپنىڭ چەت ئەللىك بېكىنى ياخشى مۇداپىئە قىلالمىدۇق، روبىرو مۇداپىئەدە، ماھىرلىرىمىز بىرلىشىپ مۇداپىئە قىلىشتا ئورۇن تاللىشى ياخشى بولمىدى، تاكتىكىنى ئىجرا قىلىشتا قەتئىيلىك تازا يېتەرلىك ئەمەس. شۇ سەۋەبلىك قارشى تەرەپ يېرىم مەيداندىلا 60 نەچچە نومۇرغا ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدانغا كەلگەندە، بىز مۇداپىئەنى كۈچەيتىپ، قارشى تەرەپنىڭ كۆپ خىل ھىمايە قىلىپ ماسلىشىشىنى بۇزدۇق، قاتتىق مۇداپىئە ئارقىلىق نومۇر پەرقىنى ئاشۇردۇق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى