خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ۋۇ خەييەن چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈردى. شۇ كۈنى فۇشەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاياللار پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى 2 دە 0 نەتىجە بىلەن كولومبىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۈچ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىشتەك نەتىجىسى بىلەن بۇ قېتىملىق لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى