2016-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، جىڭ خەيپېڭ سېنترىفۇگ ئىچىدە ئىغىرلىق ئېشىپ كېتىشكە بولغان چىدامچانلىق مەشىقى ئېلىپ بارماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1998-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى چوڭ ئەترىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، 11 ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالتە قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ، 68 كېچە-كۈندۈز يەرشارىنى چۆرىدەپ، 1089 قېتىم ئايلىنىپ ئۇچتى، ئۇچۇش مۇساپىسى 46 مىليون كىلومېتىرغا يېتىپ، 100 تۈردىن ئارتۇق بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسىنى تاماملىدى... شان-شەرەپ تىرىشچانلىقتىن كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاسمانغا چىقىش شوتىسى ئۇلارنىڭ قان-تەرى بىلەن پۈتۈپ چىقتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى