باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى پەللىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

2018.01.24 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2-يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىسلاھات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەپ، يېڭى پەللىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ، جاڭ گاۋلى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا «مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى (دوكلاتى)دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ھەققىدىكى خىزمەت تەقسىماتى لايىھەسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى»، «مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى دوكلاتى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا «ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۆتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «خەلقئارا چوڭ ئىلىم-پەن پىلانى ۋە چوڭ ئىلىم-پەن قۇرۇلۇشىنى پائال باش بولۇپ يېتەكلەش لايىھەسى»، «كۇڭزى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «<بىر بەلباغ بىر يول>دىكى تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە ئاپپاراتى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تەقلىدىي دورا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىش سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئائىت بىر قانچە پىكىر»، «ئىلىم پەن سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى سىرتقا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالاقىدار خىزمەت چارىسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»، «يەرلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> ئىسلاھاتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى» قاراپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر