باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ساھەسىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

2018.01.24 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22- يانۋار چۈشتىن كېيىن سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا كۆپچىلىك: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش شارائىتى ۋە ئىقتىدارى بار، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرنىڭ رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىشى مۇلازىمەت كەسپى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، دەپ قارىدى. گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىسى ليۇ يەنخۇا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چۆرىدەپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن جۇ چىرېن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ماكرو سىياسىتىنى تەڭشىشىدىن پەيدا بولغان تېشىش تەسىرىگە قارىتا ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات سالمىقىنى زورايتىش تەكلىپىنى بەردى. بېيجىڭ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىدىن جېن جېن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈجۈپىلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. «مورگان ستەنلېي»دىن شىڭ زىچياڭ يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىركىتىدىن شۈ ليۇپىڭ ساھە قاتلىمىدىن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار قانۇنىيىتى بويىچە تىجارەت قىلىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەردى. «خېما شيەنشېڭ» شىركىتىدىن خۇ يى ئالاقە تورى بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ بىرلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ پارچە سېتىشىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدا توختالدى. «ۋېيچياۋ» گۇرۇھىدىن جاڭ شىپىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ماكرو جەھەتتە مۇقىم، مىكرو جەھەتتە جانلىق تەڭشەپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر