باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىنلار جىددىي تەكشۈرۈپ مەنئى قىلىندى

2018.01.24 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئېلسا مەلىكە، مېكى چاشقان، ئۆمۈچۈك پالۋان قاتارلىق بالىلارغا تونۇشلۇق بولغان كارتون ئوبرازلارنى باش رول قىلغان، «ئىككىلەمچى ئىجادىيەت» قىلىنغان بۇلغانغان كارتون فىلىملەر، ھەتتا راست ئادەم رول ئالغان قىسقا سىنلار ئالاقە تورى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن سىن تور بېكەتلىرىگە سىڭىپ كىردى، بۇ سىنلاردا زور مىقداردىكى قانلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، خارلاش ۋە شەھۋانىي مەزمۇنلار بار.

  بېيجىڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت قانۇن ئىجرا قىلىش باش ئەترىتى 22- يانۋار بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىنلارنى مەنئى قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىنلارنى مەنئى قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بىردەك ئۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، تور ئويۇنى بازارلىرىنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ساغلام، ساپ تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش ئۈچۈن، ھەر قايسى سىن تور بېكەتلىرى دەرھال كارتون فىلىم، بالىلار تىياتىرى،COSPLAY ئادەم-قونچاق تىياتىرى، رېزىنكە ئادەم-قونچاق تىياتىرى، بالىلار ئويۇنلىرىنى سىنلىق چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە چېتىلىدىغان سىن ئەسەرلىرىگە قارىتا ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەزمۇنلار بايقالغان ئەسەرلەر بىردەك توردىن ئۆچۈرۈلىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر قايسى تور ئۇيۇنى تەتقىقاتى، تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار تەركىبىدە يۇقىرىدا ئېيتىلغان بالىلار كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى بۇلغىغان سىن مەزمۇنلىرى بار تور ئويۇنى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمە مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا بولمايدۇ، ئىچىدە يۇقىرىقى مەزمۇنلار بار ئويۇنلار بايقالغان ھامان دەرھال تىجارەتنى توختىتىشى ھەمدە قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، يۇكۇ، تېڭشۈن سىنى، ئەيچىيى قاتارلىق سىن سۇپىلىرى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالاقىدار سىنلار ۋە ھېسابات نومۇرلىرىنى ئۆچۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر