باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى سەككىز ئۆلكىدە قانۇن چىقىرىلىپ، يالغۇز پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىسى ئاغرىپ قالغاندا «مائاشلىق ھەمراھ بولۇش» كاپالەتكە ئىگە قىلىندى

2018.01.24 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يالغۇز پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسى كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، رۇخسەت سوراپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەمدى خام-خىيال ئەمەس. 23-يانۋار مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 2017-يىللىق مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلار ھەققىدىكى ئون چوڭ خەۋەر»نى ئېلان قىلىش پائالىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، سەككىز ئۆلكە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ياشانغانلارنى پەرۋىش قىلىش دەم ئېلىش تۈزۈمىنى ئورناتقان.

  بۇ تۈزۈم ئورنىتىلغان ئۆلكىلەر خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدوڭ، گۇاڭشى، خەينەن، چوڭچىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇنىڭ ئىچىدە، گۇاڭشىدا، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار 60 ياشقا توشقان بولسا، كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ھەر يىلى جەمئىي 15 كۈندىن ئېشىپ كەتمىگەن پەرۋىش رۇخسىتى بېرىدۇ، پەرۋىش مەزگىلىدىكى مائاش، ياردەم پۇل، تولۇقلىما پۇلى ۋە مۇكاپاتلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تۇتۇپ قېلىشى ياكى ئازلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەندى؛ خېيلۇڭجياڭدا، ياشانغانلار كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلدە، پەرزەنتلىرى تۇرۇشلۇق ئورۇن پەرزەنتىگە پەرۋىش رۇخسىتى بېرىشى كېرەك، يالغۇز پەرزەنت ئەمەسلەرنىڭ پەرۋىش رۇخسىتى ھەر يىلى جەمئىي 10 كۈن بولىدۇ، يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ھەر يىللىق پەرۋىش رۇخسىتى 20 كۈن بولىدۇ، پەرۋىش مەزگىلىدە مائاش- پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار نوپۇسى 230 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.7نى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىگە-چاقىسىز ياشانغانلار ياشانغانلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %51.3ىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر