باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.01 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭنىڭ تەستىقلاپ ئىمزا قويۇشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاساسىي پەن تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ 1-ئىشلەپچىقىرىش كۈچى بولۇش رولىنى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەرەققىياتنى يېتەكلەشتىكى 1-تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئالدىننقى قاتارىنى كۆزلەپ، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي تەتقىقات بىلەن ئەمەلىي تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئىجادىي تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىن كۆرەرلىك ئاساسىي تەتقىقات، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىجادىيەت نەتىجىلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارتىىشچان دۆلەت ۋە دۇنياۋى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  «پىكىر» دە، ئېلىمىز ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنىڭ ئۈچ قەدەملىك تەرەققىيات نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئېلىمىزنى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىلىم-پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش پەللىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ ئىجادىي ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ۋە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە ئالىملارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت ۋە دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك پەن-تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىكىر» دە ئاساسىي پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، ئىلىم-پەن قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەش؛ ئىككىنچى، ئىجادىي يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ تۆتىنچى، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش؛ بەشىنچى، مۇقىم قوللاشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر