خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-يانۋار، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى يېڭى بىر تۈركۈم «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنى ئۇزاتتى ۋە نەق مەيداندا كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرگە «جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەنتتە تۇرۇش كارتىسى» تارقاتتى.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، «جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەنتتە تۇرۇش كارتىسى» كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە باشقا ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرىغا تارقىتىلىدىكەن، ئىشلىتىش مۇددىتى بىر يىل بولۇپ، كارتا ئىگىلىرى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پۇكەيگە بېرىپ ئايروپىلانغا چىقىش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرنى بېجىرسە بولىدىكەن، ئۆچىرەتتە تۇرۇش كەتمەيدىكەن، ئۆلچەمدىن باشقا يەنە 20 كىلوگرام يۈك-تاق، نەرسە-كېرەكلىرىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىشقا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى