باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىگە ۋىۋىسكا بېرىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىلىرىگە تەكلىپنامە بېرىش مۇراسىمى» خەلق تورىدا ئۆتكۈزۈلدى

قەشقەر تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى»نىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىلدى

2018.02.01 14:35   مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىگە ۋىۋىسكا بېرىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىلىرىگە تەكلىپنامە بېرىش مۇراسىمى» خەلق تورىدا ئۆتكۈزۈلدى

  دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى ئىدارە باشلىقى ياردەمچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دۇ جاۋسەي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى، «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىگە ۋىۋىسكا بېرىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىلىرىگە تەكلىپنامە تارقىتىش مۇراسىمى» خەلق تورىدا ئۆتكۈزۈلدى. بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، يەنبيەن، قەشقەر قاتارلىق 15 جاي «تۇنجى تۈركۈمدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى» قىلىپ بېكىتىلدى. لياۋنىڭ، سىچۈەن، شېنجىندىن ئىبارەت ئۈچ جاي «پۇتبول ۋە يېنىك ئاتلېتكا ئارىلاشما ماتېرىيال تاللاش بازىسى» قىلىپ بېكىتىلدى. شۈ گېنباۋ، ھايسترىنا، دامىيانو، لى شۇبىڭ، سۈن ۋېن، جاۋ جۈنجې، ياڭ يۈمىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەسلىھەتچىسى، مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىسى ۋە رايونلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش مەسلىھەتچىسى بولدى.

  جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆزگىرىشى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەشىقلەندۈرۈلىشىدىن باشلىنىدۇ

  31- يانۋار جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بىر مۇھىم كۈن بولدى، بۇ كۈنى، بىر تۈركۈم پۇتبول مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كەسپىي ئىختىساسلىقلار تەكلىپكە بىنائەن ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەسلىھەتچىسى ۋە ھەر دەرىجىلىك باش نازارەتچى بولۇپ، كەسپى ئىختىساسلىقلار كەسپى ئىشقا قويۇلدى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يەنە لياۋنىڭ، سىچۈەن، شېنجىن قاتارلىق ئۈچ جايدا پۇتبول ۋە يېنىك ئاتلېتكا ئارىلاشما ماتېرىيال تاللاش بازىسى قۇرۇپ، تۈر ئاتلاپ ماتېرىيال تاللاشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە ئائىت بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەڭشەپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»مۇ ئوخشاش بىر كۈندە ئېلان قىلىندى، ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش ئورگانلىرى ۋە تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ ھوقۇقى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كاپالەتلەندۈرۈلدى.

  سىستېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

  ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەخمىنەن يېرىم يىل بۇرۇن باشلانغان، 2017- يىلى 8- ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تەتقىقاتلارنى قىلغان. 1- ئاينىڭ 25- كۈنىگە قەدەر، جەمئىي 24 ئورۇننىڭ ئىلتىماسى تاپشۇرۇپ ئېلىنغان. باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بىرمۇ-بىر تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، بېيجىڭ، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، داليەن، ۋۇخەن، چېڭدۇ، چىڭداۋ، شېنجىن، گۇاڭجۇ، يەنبيەن، قەشقەر، مېيجۇ، سۇجۇ، چاڭجۇ، پۇتودىن ئىبارەت 15 جاي يېڭى بىر دەۋرىيلىكتىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى» قىلىپ بېكىتىلدى.

  «ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى» جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم تۇتقىسى بولۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى بۆشۈك بولۇپ قالغۇسى. جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىگە سىياسەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىپ، خىراجەت جەھەتتىن تېخىمۇ قوللاپ، ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش نازارەتچىسى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش تېرىنېرلىرىنى ئەۋەتىپ ۋە تۇرغۇزۇپ، تېخنىكا جەھەتتىن بىۋاسىتە ياردەم قىلىدۇ. ھەر قايسى ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركەزلىرى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكلىشى ئاستىدا، پۇتبولچىلار مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسى قاتلام تېرىنېرلىرىنى تەربىيەلەپ، ھەر دەرىجىلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركەزلىرىنىڭ رايونلار ۋە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  بىرىنچى تۈركۈمدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركەزلىرى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغىنى، ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش تېرىنېرلىرى بولدى. شۈ گېنباۋ، ھايس ترىنا، دامىيانو، لى شۇبىڭ، سۈن ۋېن، جاۋ جۈنجې، ياڭ يۈمىڭ قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەسلىھەتچىسى، مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىسى ۋە رايونلار ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش مەسلىھەتچىسى بولدى. بۇ مۇتەخەسسىسلەر ۋە پېشقەدەم «داڭلىق» پۇتبولچىلار جۇڭگونىڭ پۇتبول مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى لايىھىلەشكە، مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئېلىمىزنىڭ پۇتبولچىلىقىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈشىنىڭ كەسىپلىشىشى، ئۈنۈملىشىشى ۋە خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، پۇتبول مايسىلىرىدا ئارىلاشما ماتېرىيال تاللاش، تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىمۇ مۇئەييەن قارارلار چىقىرىلدى. جۇڭگو پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەشىقلەندۈرۈلۈشىگە ئائىت بەلگىلىمىسى «جۇڭگو پۇتبۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈر پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە تەربىيەلىنىشىگە ئائىت بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەڭشەپ يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى» ئېلان قىلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەربىيەلىنىشى ۋە يۆتكىلىشى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلدى (ئۇلىنىشنى بېسىپ تەپسىلاتىنى كۆرۈڭ).

  بۇ قېتىمقى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزىگە ۋىۋىسكا بېرىش ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش باش نازارەتچىسى تەكلىپنامىسىنى تارقىتىش مۇراسىم يىغىن»ىغا تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 «ياش-ئۆسمۈرلەر مەشىقلەندۈرۈش مەركىزى»نىڭ بىرى بولۇپ بېكىتىلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…