- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېچىلىدۇ
2018.01.31 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنىدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. بۇ قارار بويىچە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ.
قاراردا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى تۆۋەندىكىدەك بېكىتىش تەكلىپى بېرىلدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش؛ 2017-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش؛ 2017-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2018-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈرۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(دەسلەپكى لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى(دەسلەپكى لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ دۆلەت ئاپپاراتى تەركىبىدىكى خادىملارنى سايلاش ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى قارار قىلىش قاتارلىقلار.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنى 2018-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر