باش ۋەزىر تېرېسا ماي
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىنىڭ باش ۋەزىرى تىرىسا ماي 1- ياينىڭ 31- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەت بولىدۇ ھەمدە جۇڭگو-ئەنگلىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزىدۇ.
تېرېسا ماي 1956- يىلى تۇغۇلغان، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى خولى ھۇگھ ئىنستىتۇتى جۇغراپىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن. تېرېسا ماي 1997- يىلى ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت تۆۋەن پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1999- يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كۆلەڭگە كابېنتىنىڭ مائارىپ ۋەزىرى، قاتناش ۋەزىرى ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. 2010- يىلى 5- ئايدىن 2016- يىلى 7- ئايغىچە، تېرېسا ماي ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، 2016- يىلى 7- ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان.
تېرېسا ماي توي قىلغان، يولدىشى فىلىپ ماي
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى