باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2018.01.31 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30-يانۋار يىغىن ئېچىپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغانلىقى ۋە مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»نى ئاڭلىدى ۋە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2017-يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ۋە ئۇلارنىڭ 2018-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنىڭ ناماياندىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئەڭ يۇقىرى سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە سۈپىتىدە ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇدىغان تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق بىر يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى روھىي ھالەت ۋە تېخىمۇ يۇقىرى خىزمەت سەۋىيەسى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ-چوڭ سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۈچنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشىگە ماسلىشىپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر