باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالتە تارماق نامراتلارنى ئېكولوگىيە بويىچە يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا لايىھە تۈزدى

2020- يىلىغىچە تەخمىنەن 15 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ

2018.01.31 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىكتە «نامراتلارنى ئېكولوگىيە بويىچە يۆلەش خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. لايىھەدە 2020-يىلىغىچە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 120مىڭنى قۇرۇپ، 100 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش؛ ئېكولوگىيەنى باشقۇرۇش-قوغداش ئىش ئورنىدىن 400 مىڭنى كۆپەيتىش؛ ئېكولوگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تەخمىنەن 15 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قۇرۇلۇشقا قاتنىشىپ ئىش ھەققىگە ئېرىشىش، ئېكولوگىيە جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرلىك ئىش ئورنىدىن مۇقىم مائاش خاراكتېرلىك كىرىمگە ئېرىشىش، ئېكولوگىيەلىك كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تىجارەت كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە مال-مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىم، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تولۇقلىمىسى قاتارلىق سىياسەتلەر بىلەن يۆتكىمە كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۆت يول ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تېرىلغۇدىن ئورمان ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش، بېيجىڭ-تيەنجىن ئەتراپىدىكى قۇم بوران مەنبەسىنى تىزگىنلەش قاتارلىق 11 مۇھىم ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر