باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى

(2018-يىلى 1-ئاينىڭ 20- كۈنى)

2018.02.01 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  100 يىللىق بۈيۈك پىلاندا مائارىپ ئاساس؛ مائارىپ بۈيۈك پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان يوقىرى ساپالىق كەسپلەشكەن يېڭىچە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى بەرپا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقى، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان سوتسىيالىزىم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، مائارىپنى خەلق رازى بولغىدەك ياخشى باشقۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ،جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشىنڭ ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بىرىنچى: دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن جەزمەن ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر تونۇش كېرەك.

  1. ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى: ئوقۇتقۇچىلار بىلىم، ئىدىيە، ھەقىقەتنى تارقىتىدىغان تارىخىي بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان، زىممىسىگە روھ يېتىلدۈرۈش، ھايات قىممىتىنى يارىتىش، ئادەم تەربىيىلەشتەك دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن بولۇپ، مائارىپ تەرەققىياتىدىكى بىرىنچى بايلىق، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختكە ئېرىشىشىدىكى مۇھىم ئۇلتاش. پارتىيە ۋە دۆلەت ئەزەلدىن ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، جايلار، تارماقلار ۋە ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بارلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسپنى قەدىرلەپ، بىلىم-تەربىيە بېرىپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر