باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

قوشۇمچە ئارقا كۆرۈنۈشنى تەكشۈرۈش چىڭىتىلدى

2018.01.31 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 29-يانۋار 11 دۆلەت كۆچمەنلىرىگە قارىتا چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىپ، كۆچمەنلەرنى پاناھىغا ئېلىشنى نورمال تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە «بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى دۆلەت»لەردىن كەلگەن كۆچمەنلەرگە قارىتا قوشۇمچە ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈشنى يېڭىدىن كۆپەيتتى.

  بۇ 11 دۆلەت ئايرىم-ئايرىم مىسىر، ئىران، ئىراق، سۇرىيە، يەمەن، لىۋىيە، مالى، سومالى، سۇدان، جەنۇبىي سۇدان بىلەن چاۋشيەن قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ۋە ئاخبارات ئاپپاراتلىرى يۇقىرىقى 11 دۆلەتكە قارىتا مۇددىتى 90 كۈنلۈك باھالاشنى قانات يايدۇرغان، بۇ مەزگىلدە كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋە قانات ئاستىغا ئېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ۋاقىتلىق توختاتقان ئىدى.

  باھالاش 29-كۈنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چەكلەش بۇيرۇقى شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈچىدىن قالدى. ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كوست جەين نېلسون شۇ كۈنى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: يۇقىرىقى 11 دۆلەت كۆچمەنلىرىگە قارىتا يېڭى تەكشۈرۈش چارىسى يولغا قويۇلۇپ، «تېررورچىلار، جىنايەتچىلەر ياكى ئالدامچىلىق جىنايەتچىلىرىنىڭ يوچۇق ئىزدىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر