باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقتى

شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلاندى

2018.01.31 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 30- يانۋار چۈشتىن كېيىن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتنى كۈتۈۋالدى: يىغىن مەركەز كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 58 ۋەكىلى سايلاپ چىقىلدى. يىغىندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندا، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  «خەلق ۋەكىللىرىنى خەلق سايلايدۇ، خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيىدۇ!». ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىشى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 500دىن ئارتۇق ۋەكىلىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، 25 مىليوندىن ئارتۇق يايلاق ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ سەمىمىي يۈرەك ساداسى، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ يادروسىغا سادىق بولۇپ، خەلقنىڭ داھىيسىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.

  «باش شۇجىنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا كېلىپ سايلامغا قاتناشقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۇق ۋە ئىلھاملاندۇق. بۇ، ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن چەكسىز شان-شەرەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى كادىرلار، ئاممىغا يۈكسەك ئىشەنگەنلىكى، شۇنداقلا چېگرادىكى مىللىي رايونلارغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور ئىلھاملاندۇرۇشىدۇر». ۋەكىللەر بەس-بەستە مۇنداق دېيىشتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم چېگرادىكى مىللىي رايونلاردا سايلامغا قاتنىشىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ئىستىلى ۋە يېڭى ئوبرازىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر