باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بوۋاقلار يېمەكلىكلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى ئۈچۈن ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ

2018.01.31 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 30- يانۋار دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: «بوۋاقلار يېمەكلىكلىرىنى رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ھازىردىن باشلاپ 1- مايدىن بۇرۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاشكارا پىكىر ئېلىنىدۇ.

  بۇ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا شۇنداق دەپ بەلگىلەنگەنكى، يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەنگە ئېلىنىدىغان ماتېرياللارنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەنگە ئېلىنىدىغان ماتېرىياللار تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا، بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەنگە ئېلىش كېرەك، ئەگەر تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولسا، ئۇنداقلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تولۇقلاش كېرەكلىنى بىر قېتىمدىلا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك، ھەمدە كەلگۈسىدە ئەنگە ئالدۇرۇشتىكى ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ ماتېرياللارنى ئارخىپتا ساقلاپ قويۇش ۋە ئەنگە ئالدۇرغۇچىلارغا ئەنگە ئېلىش نومۇرى تارقىتىپ بېرىش كېرەك، ئەنگە ئېلىنغاندىن كېيىن 15 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئەنگە ئېلىنىش ئۇچۇرلىرىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئەنگە ئېلىشقا بولمايدىغان تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار ئۈستىدىكى بەلگىلىمىلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەنى، بۆلۈپ قاچىلاش ياكى پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىلغان بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى؛ ئوخشاش بىر كارخانىنىڭ ئوخشاش بىر خىل رېتسېپتا ئىشلەپچىقارغان ھەر خىل ماركىلىق بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق يېمەكلىكى؛ كالا ئوغۇز سۈتىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ياكى تېخى ئالتە ئايلىق بولمىغان بوۋاقلارغا قارىتا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىدا مۇئەتتىرى خۇش پۇراق ماتېرىياللارى بولغان يېمەكلىكلەر؛ قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار.

  تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئۇنداقلارنىڭ ئىلگىرى بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى ئەنگە ئالدۇرۇلغان رەسمىيەتلىرى قايتا تەكشۈرۈلۈپ، ئەنگە ئالدۇرۇش يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئىلگىرىكى ئەنگە ئالدۇرۇشى بىكار قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە: ئىلگىرى تاپشۇرغان ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرى ساختا بولسا؛ بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىنىڭ يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان، تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن بولسا؛ بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرىدىكى مەھسۇلات رېتسېپى قاتارلىقلاردا بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا؛ بوۋاقلار-بالىلار رېتسېپلىق يېمەكلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانا ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئۆزلىكىدىن ئىلتىماس قىلغانلار؛ ئەنگە ئالدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك بولغان باشقا ئەھۋاللار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر