- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدا «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش يېزىلارنىڭ زاپاس مۈلكىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇردى
2018.01.30 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-يانۋار، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭدا «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزا زاپاس مۈلكى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى»دە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
«ئىككى ھوقۇق رەنىلىك قەرزى» يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش بىلەن دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2017-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېزا ھۆددە يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ رەنىلىك قەرز قالدۇق سوممىسى 4 مىليارد 641 مىليون يۈەنگە يەتكەن.
شىنجاڭدا «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يېزا ھۆددە يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ رەنىلىك قەرز قالدۇق سوممىسى مۇقىم ئېشىپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش كەسپىدە ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى سودا سۇپىسى، خېيىم-خەتەرنى ئازايتىش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن مېخانىزم تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر