باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1-تومى قايتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2018.01.29 17:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2014-يىلى 9-ئايدا نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) بىلەن مەركىزىي ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىش-تارقىتىش ئىدارىسى بىرلىكتە تۈزىتىش كىرگۈزگەن نۇسخىسى جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» 1-توم، دېگەن نام بىلەن يېقىندا قايتا نەشر قىلىنىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تارقىتىلدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1-تومىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن تارتىپ 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، سوئالغا بەرگەن جاۋابى، تەستىقىي يوليورۇقى، تەبرىك خېتى بولۇپ 79 پارچە مۇھىم ئەسىرى كىرگۈزۈلۈپ، 18 مەخسۇس تېمىغا ئايرىلغان. ھازىرغىچە بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، پورتۇگالچە، گېرمانچە، ياپونچە قاتارلىق 24 خىل تىلدىكى 27 نەشر نۇسخىسى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ كىتاب كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشىنى مۇھىم ھۆججەت بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى سىستېمىلىق ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2017-يىلى 11-ئايدا «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2-تومى نەشر قىلىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كىتابنىڭ 1-تومى قايتا نەشر قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر