باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاڭ ۋەنچۈەن شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك

2018.01.29 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن يېقىندا شىنجاڭدا چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

  چاڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش بولسا، بۇ باش نىشانغا يېتىشتىكى مۇھىم خىزمەت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن مۇرەككەپ ۋە كەسكىن ۋەزىيەتنى تولۇق ئېنىق تونۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھادىسىنىمۇ ۋە ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ ۋە مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇل سېلىش ۋە يىراقنى كۆزلەش خىزمىتىنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسى، ئىدىيەۋى ئاساسى ۋە ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى زورايتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۈەن ۋە خەلقتىن ئىبارەت «ئالتە تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن» خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە چېگرانى قوغداش خەلق جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. چېگرا باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، چېگرادىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىشنى جايىدا قىلىپ، خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلەپ، چۆچۈتۈش كۈچلۈكلۈكى بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشتا قاتتىق بولۇش، ساقلاشتا چىڭ بولۇش ۋە زەربە بېرىشتە كۈچلۈك بولۇش ئاساسىدا ئاسماندا تور يەردە قاپقان بولغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ ۋە تېخنىكىنىڭ كۈچى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرانى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كۈچەيتىلگەن ۋە مۇستەھكەملەشتۇرۇلگەن چېگرا مۇداپىئەسىنى شەكىللەشتۇرۇش كېرەك.خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يېتەكچىلىكىنى تۇرغۇزۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، «ۋاقىتنى غەنىيمەت دەپ بىلىش ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تىرىشىپ ئىشلەپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەقسەتكە يېتىش» روھى بىلەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر