باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەر ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2018.01.25 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 24- يانۋار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش ۋە خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن جۇڭگوچە سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىدىكى مۇھىم تەرتىپ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر