خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ بازارلاشتۇرۇشنى يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى داڭلىق ماركا سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىمىز...» 28-يانۋار، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ ۋەكىللىرى بىر جايغا جەم بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ «سېتىپ چىقىرىلىشى» ئۈچۈن قوش يۆنىلىشلىك ئوبورۇت يولىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقماقچى بولدى.
بۇ قېتىملىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى، جۇڭگو تەرەققىيات تورى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشلىرى مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش بويىچە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىننىڭ مەقسىتى بولسا، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سۇپىسى بولغان «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تەسىرى» ئارقىلىق شىنجاڭدىكى كارخانىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىرتلارغا چىقىشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ بايلىقى ۋە مەھسۇلاتلىرى مول، سۈپىتى ئەلا، لېكىن شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش جەھەتلەردە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى تۆۋەن. بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى نۇرغۇن كارخانىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا، بۇ سۇپا ئارقىلىق پولىمېرلىنىش، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى سېتىش بازىرىنى ئېچىشىغا پايدىلىق بولۇپ، كەسىپكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش، شىنجاڭنىڭ نامرات رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پايدىسى بار.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى