سۈرەتتە: شىنجاڭدىكى سايرام كۆلىدە تارتىلغان «مۇز كۆپۈك» (27- يانۋار تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زىمىستان قىش پەسلىدە، شىنجاڭدىكى سايرام كۆلى كۈمۈشتەك ئاپئاق قارغا پۈركەندى، مۇز تۇتقان كۆل، تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغ گۈزەل بىر رەسىمنى ھاسىل قىلدى. شىنجاڭدىكى سايرام كۆلى تەڭرىتاغ تىزمىسىغا جايلاشقان، كۆل يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى