باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىللىق شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2018.01.29 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار، 2018-يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرىم مۇنداق دېدى: 2017-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، بولۇپمۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتە ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدال ئېلىپ، 4-دەرىجىدىن سەككىزى، 5-دەرىجىدىن 17سى، 6-دەرىجىدىن ئالتىسى، 7-دەرىجىدىن بەشى، 8-دەرىجىدىن يەتتىسىگە ئېرىشتى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، 2017-يىلىدا، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە خىزمەتلىرىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن. ئاممىۋى تەنتەربىيە جەھەتتە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرى ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، ئاممىنىڭ تەنتەربىيە-بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيگەن، چېنىقىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تەنتەربىيە چېنىقىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى 15 مىليونغا، دائىم چېنىقىدىغان ئادەم سانى 8 مىليونغا يەتكەن. ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي خەلق تەن ساپاسى ۋە ساغلاملىق سەۋىيەسى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈلگەن. ماھارەت تەنتەربىيەسى جەھەتتە، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى قېتىم CBA مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلىققا ئېرىشتى. 13-نۆۋەتلىك تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى WCBA مۇسابىقىسىدە 3-بولدى. شىنجاڭ كوماندىسى ۋەكىللىرى تەيچۈەن گۇمپىسى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. تەنتەربىيە كەسپى جەھەتتە، شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى تۇنجى قېتىم 3 مىليارد يۈەنلىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، 3 مىليارد 302 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 489 مىليون يۈەن، %19.41 ئاشتى.

  2018-يىللىق ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا نىسبەتەن زۇنۇن كېرىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك، پەن - تېخنىكىدا تۈر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى نۇقتىلىق قېزىش ۋە يېتىشتۈرۈش، تالانتى بار تەنھەرىكەتچىلەرنى تاللاپ چىقىپ، ھەر قايسى چوڭ مۇسابىقىلەردە دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، شىنجاڭغا نەتىجە كەلتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر