ئىقتىسادىمىزنىڭ ئومۇمىي مىقتارى مۇقىم ھالدا دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان تۆھپىمىز %30تىن ئاشتى، دۇنيادىكى نامراتلىقلارنىڭ ئازىيىشىغا قوشقان تۆھپىمىز %70تىن ئاشتى.
مۇشۇ بىر قاتار ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىمىز شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان ۋە "ماچتىسى كۆرۈنۈشكە باشلىغان" كېمىدۇر.
پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، زامانىۋىيلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەمدە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ۋەزىيەت نىشاننى بەلگىلەيدۇ.
بۇ نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدا تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ھۆكۈم ئاساس قىلىنغان. يەنى، دۆلىتىمىز ھازىر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى: بىز نۆۋەتتە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسنى ياخشىلاش، ئېشىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىشتەك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتىمىز.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا زامانىۋىيلاشقان ئىقتىسادىي سىستېما قۇرۇشنى ئوبرازلىق قىلىپ، «ئۆتكەلدىن ھالقىپ ئۆتۈشنىڭ تەقەززالىق تەلىپى» دەپ تەسۋىرلىدى.
بۇ سىستېمىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى سىننى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى