باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە: ئامېرىكا سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىقلىرىغا ياردەم بېرىشنى توختىتىدۇ، دېدى

2018.01.29 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 27-يانۋار دېيىشىچە: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى خېربېرت رېموند مېكماستىر تۈركىيە تەرەپكە ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى كۇرد قوراللىقلىرىنى ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم 26-يانۋار مېكماستېر بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن، مېكماستېر ئامېرىكىنىڭ «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى قورال بىلەن تەمىنلەشنى «توختىتىدىغانلىقى»نى «جەزملەشتۈرگەن».

  تۈركىيە «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچ «كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى»نىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى دەپ بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئىككى قوراللىقلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزگەن.

  ئەمما، «خەلقنى قوغداش قىسىمى» ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بۇ كۇرد قوراللىقلىرىنى ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە قارشى تۇرۇشتىكى تايانچ كۈچ، دەپ قارايدۇ ھەمدە قورال-ياراغ، ھەربىي تەلىم- تەربىيە ۋە مەسلىھەتچىلىك بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ.

  تۈركىيە كۇرد مىللىتىنىڭ سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى داۋامىدا ئەمەلىي كۈچىنىڭ زورىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاچقا، ئامېرىكىنىڭ كۇرد قوراللىقلىرىغا ياردەم بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇردى. ئەمما، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئىتتىپاقى 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سۇرىيەدە ئۆكتىچىلەردىن تەركىب تاپقان تەخمىنەن 30 مىڭ كىشىلىك قوراللىق قوشۇننى يېڭىدىن تەشكىللەيدىغانلىقىنى، بۇ قوشۇننىڭ يېرىم خادىمىنىڭ «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى ئاساسىي كۈچ قىلغان «سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسى»دىن كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تۈركىيەنى يەنىمۇ غەزەپلەندۈردى، تۈركىيە 20-يانۋار «زەيتۇن شېخى» ھۇجۇمى قوزغاپ، ھاۋادىن ۋە يەر يۈزىدىن سۇرىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، سۇرىيە-تۈركىيە چېگراسىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تايانچ نۇقتىسى بولغان ئافرېنغا ھۇجۇم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر