باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى رەسمىي ۋېۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى

2018.01.29 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-يانۋار سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بىناسى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو دوڭچۈەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىغا ۋېۋىسكا ئاستى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  «مەن شۇنداق دەپ قەسەم بېرىمەنكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا سادىق بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدايمەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن... »، 26-يانۋار، ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛ بىڭتۈەن ۋە ھەر قايسى قاراشلىق شى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، ئەزالىرى؛ تارباغاتاي، ئالتاي، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن بەش ۋىلايەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ۋە ئەزالىرى كوللېكتىپ ھالدا ئاساسىي قانۇن ئالدىدا ئۈنلۈك قەسەم بەردى.

  بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايون، 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 105 ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەمدە 14 شى رېۋىزىيە كومىتېتلىرى مەركەزنىڭ دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا چوڭقۇر سىناق قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا چوڭقۇر سىناق قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن مۇددەتتىن بۇرۇن قۇرۇپ چىقىلىپ، ئومۇمىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى نازارەت قىلىشنى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، رېۋىزىيە ئوبيېكتلىرى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى 221 مىڭ كىشىدىن كۆپىيىپ، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى 1 مىليون 160 مىڭ كىشىگە كۆپەيدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر