زامانىۋى جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئىنسانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان چىن ئارزۇسى، زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىغا قەدەم قويۇش ھازىرقى دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى گۈزەل ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى يولغا قويۇش ئېنىق نىشان قىلىپ بەلگىلىنىپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنى باي-قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.