باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

مۇتەخەسسىسلەر خورەك تارتىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى

2018.01.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەتتە ئۇخلىغاندا خورەك تارتىشنى نۇرغۇن كىشىلەر ناھايىتى نورمال دەپ قاراپ، ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. يۈننەن ئۆلكىسى فۇۋەي يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى شۈ ئوۋ خورەك تارتىشنىڭ يۇقىرى قان بېسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئېغىر بولسا، ھوشيار بۇلۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  شۈ ئوۋ: «خورەك تارتىش — ئۇخلىغاندا نەپەس يولى توسۇلۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىككىلەمچى قان بېسىمى كېسىلىنىڭ مۇھىم كېسەللىك سەۋەبى بولۇپ قالدى»، ئەگەر دائىم خورەك تارتىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى ئېغىرلاشقان بولسا، ئۇنداقتا دىققەت قىلىش زۆرۈر، دېدى.

  شۈ ئوۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %50تىن %90كىچە بولغان توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بار بىمارلاردا يۇقىرى قان بېسىم بار ئىكەن، يوشۇرۇن يۇقىرى قان بېسىمى نىسبىتى %32كە يېتىدىكەن. توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشى ئادەتتە يېشى، سېمىزلىك، ماددا ئالمىشىش نورمالسىزلىقى، ۋېگېتاتىپ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى، ياللۇغلىنىش رېئاكسىيەسى ۋە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەقەت ئېغىر توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قان بېسىمىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يېنىك دەرىجىدىكى بىمارلار، قىسمەن خورەك تارتىش كېسىلى بار بىمارلار ۋە يۇقىرى نەپەس يولى قارشىلىق كۈچى ئېشىپ كەتكەن بىمارلاردىمۇ يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قان بېسىمى رىتىمى نورمالسىزلىقى يۈز بېرىدۇ.

  شۇڭا، يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ھەمدە سېمىزلەر، خورەك تارتىدىغانلارنىڭ ئۇيقۇ ئەھۋالىنى ئۆلچىتىپ بېقىشى تەكلىپى بېرىلىدۇ. دېئاگنوز قويۇلغان بىمارلار ئورۇقلاش، تاماكا ۋە ھاراقنى تاشلاش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. قان بېسىمىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىپ، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلار بالدۇرراق داۋالىنىشى لازىم.

  شۈ ئوۋ مۇنداق دېدى: «ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇسكۇل بوشاپ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشمۇ خورەك تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېڭەك قىسمى تار ياكى بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبلىكمۇ خورەك تارتىدۇ، بىمارلار ئۇخلىغاندا توسۇلۇشنى داۋالاش ئەسۋابىنى ئىشلەتسىمۇ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرسىمۇ ياكى نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ھەل قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يېمەك- ئىچمەك تەڭشەش ۋە ئورۇقلاش، شۇنداقلا چېنىقىشنى كۈچەيتىشمۇ بىر قىسىم بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر