1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا، بىر ساقچى ئاپتوموبىلى بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن نەق مەيدان ئەتراپىدا چارلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئافغانىستان ئاممىۋى سەھىيە مىنىستىرلىقى 27-كۈنى، شۇ كۈنى پايتەخت كابۇل شەھىرى مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 95كە يەتكەنلىكى، يەنە 630 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى