باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭچاۋ شىركىتى بىلەن تىئاۋ دوڭلى توختامىنى تەڭشىدى

بەش يىللىق 8 مىلياردلىق توختامدىن 10 يىللىق 11 مىليارد يۈەنلىك توختامغا ئالماشتۇردى

2018.01.26 18:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-يانۋار، جۇڭچاۋ شىركىتى جۇڭگو پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى ھەققىدە پىكىر ئېلىش خېتى چىقاردى. ئاساسلىق مەزمۇنى ئەسلىدىكى بەش يىللىق نەشر ھوقۇقى توختامىنى 10 يىللىققا ئۇزارتىش، باھاسىنى 8 مىلياردتىن 11 مىلياردقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، جۇڭچاۋ شىركىتى 19-يانۋار پايچېكلار يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى توختامى ۋە باھاسى، ۋاقتى توغرىسىدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلغان ئىدى.

  بۇ قېتىملىق توختام ئۆزگەرتىشتىن كېيىن، تىئاۋ دوڭلى شىركىتىنىڭ 2018-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان مۇسابىقە پەسلىدىكى جۇڭگو پۇتبول دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ نەشر ھوقۇقى تەننەرخى زور كۆلەمدە تۆۋەنلىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەش يىل ۋاقىتنى ئوڭۇشلۇق ئۇزارتىپ، بۇ ساھەدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەشكە پۇرسەت ياراتتى. جۇڭچاۋ شىركىتىمۇ بۇ قېتىملىق بازارغا توغرا قاراش ۋە بازارنى ھۆرمەت قىلىش ئىپادىسى ئارقىلىق، ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ۋەزىيەت ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر