باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم بەش جايدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايونى ئاشكارا سېتىلدى

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىڭ تەكشۈرۈپ قىدىرىش ھوقۇقىنى ئۈچ شىركەت 2 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە سېتىۋالدى

2018.01.25 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-يانۋار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى سودا مەركىزىدە، تۇنجى قېتىم بەش جايدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايونىنىڭ قىدىرىپ ئېچىش ھوقۇقى ئاشكارا سېتىلدى، دۆلىتىمىزدىكى يەتتە شىركەت باھا تالىشىشقا قاتناشتى، شېننېڭ پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) نېفىت، تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، جۇڭمەن نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ شىركەت بۇ بەش جاينىڭ ئىچىدىكى ئۈچىنىڭ قىدىرىپ ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، پۈتۈشكەن ئومۇمى سومما 2 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولدى.

  يەتتە شىركەت باھا تالىشىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شېننېڭ پاي چەكلىك شىركىتى 1 مىليارد 490 مىليون 670 مىڭ يۈەنگە كەلپىن جەنۇبىي رايون بۆلىكىگە، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) نېفىت، تەبىئىي گاز چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 380 مىليون 840 مىڭ يۈەنگە ئونسۇ غەربىي رايون بۆلىكىگە، جۇڭمەن نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 866 مىليون 870 مىڭ يۈەنگە ئونسۇ رايون بۆلىكىگە ئېرىشتى. كەلپىن غەربىي رايون بۆلىكى ۋە چەرچەن شەرقىي رايون بۆلىكىدە باھا تالاشقۇچى ئورۇن كىم ئارتۇق سودىسىغا قاتناشماسلىق سەۋەبى بىلەن ۋاقتىنچە سېتىلمىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى ئاشكارا باھا قويۇپ ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىشى ئىكەن، بۇ شۇنداقلا 2015-يىلى شىنجاڭنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايون-بۆلەكلىرىگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىپ ھەقلىق بېرىشىدىن كېيىن، نېفىت-گاز چارلاش، ئېچىش ساھەسىدە ئۇزاق مۇددەت دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت شىركىتى مەخسۇس تىجارەت قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىككىنچى نۆۋەت نېفىت، تەبئىي گاز تەكشۈرۈشتە جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا سېتىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت بازارنى تېخىمۇ قويۇۋېتىپ، نېفىت-تەبئىي گاز چارلاش، ئېچىش ساھەسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي سۇبيېكتلارنى كىرگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت-تەبىئىي گاز چارلاش، ئېچىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ نېفىت-تەبئىي گاز چارلاش، ئېچىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر