باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىللېر كوللېكتىپى ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى تەكشۈردى، ئۇ ترامپتىنمۇ جاۋاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى

2018.01.26 18:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ 24-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مايكېل پومپىئو «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» قىلمىشىنى تەكشۈرۈش كوللېكتىپىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارى روبېرت مىللېرنىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلدى.

  بۇ خەۋەردە پومپىئونىڭ قاچان سوراقنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ۋاقتى دېيىلمىگەن. «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بىر كىشىنىڭ ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىگە بىلدۈرۈشىچە، پومپىئو جامىس كومىينىڭ فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئىشىنى بىلىدىغان ئىككىنچى گۇۋاھچى ئىكەن.

  بۇلتۇر 5-ئايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ ئامېرىكا فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كومېينى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. بۇنىڭ ئالدىدا، كومېي فېدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» قىلمىشىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىدى. بەزى ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ترامپنىڭ كومېينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى ئەدلىيەگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ياتىدىغان ياكى ياتمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان.

  بۇلتۇر 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مىللېرنى پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارلىقىغا سايلاپ، ترامپنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى كوللېكتىپىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە قويغان. ترامپ «رۇسىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» ئىشىنىڭ يوقلۇقىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كەلگەن.

  مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتى يەنە مىللېر كوللېكتىپىنىڭ 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ترامپ زۇڭتۇڭ سايلىمى كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى، ئاق ساراينىڭ سابىق باش ئىستېراتىگىيە ئەمەلدارى سىتېفىن بانوننى سوراق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

  ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 23-يانۋار، ئەدلىيە مىنىستىرى جېف سېسسيوننىڭ ئالدىنقى ھەپتە مىللېرنىڭ نەچچە سائەتلىك سورىقىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ترامپ تاراتقۇلارغا جېف سېسيوننىڭ تەكشۈرۈلىشىگە قارىتا ئۆزىنىڭ ئازراقمۇ ئەندىشە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» شۇ كۈنى كەچرەك خەۋەر بېرىپ، مىللېرنىڭ بۇ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ترامپدىنمۇ بۇنىڭغا قارىتا سوئال سوراش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر