باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«كارخانا يىللىق فوندى چارىسى» 2-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىر ئۈلۈش كىرىمىڭىز كۆپىيىىشى مۇمكىن

2018.01.26 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «كارخانا يىللىق فوندى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «36-نومۇرلۇق بۇيرۇق» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، 2014-يىلى تۈزۈلگەن «كارخانا يىللىق فوندىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش چارىسى» غا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ چارە بۇ يىل 1-فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويىدۇ.

  كارخانا يىللىق فوندى كارخانىلار ۋە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش ئاساسىدا، كوللېكتىپ كېڭىشىپ ئۆز ئالدىغا ئورنىتىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش تولۇقلىما سۇغۇرتا تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. كارخانا يىللىق فوندى دۆلەتنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرلىنىدۇ. دۆلەت بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەق تاپشۇرۇش قىسمىدا، كارخانا تۆلەيدىغان ھەقنى باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ، شەخسلەر ھەق تاپشۇرغاندا شۇ مەزگىللىك باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ.

  «كارخانا يىللىق فوندى چارىسى» شەھەر، بازارلاردىكى تۈرلۈك كارخانىلارغا تەدبىقلىنىپلا قالماي، يەنە كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىمۇ كارخانا يىللىق فوندى تۈزۈمىنى ئورناتسا بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەر بۇ فوندنى ئېلىش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، ئايغا ۋە قېتىمغا بۆلۈپ ئالسا ياكى بىر قېتىمدا ئالسا بولىدۇ، سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر