باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر بەلباغ، بىر يولنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى جۇلالاندى

بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 7 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يەتتى

2018.01.26 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي ھەمكارلىق يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 25-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن مەلۇم بولۇشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئېلىمىزنىڭ بۇلتۇر لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى 7 تىرىليون 400 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %17.8 ئاشقان.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشقى سودا ئېشىش سۈرئىتىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىش سوممىسى 4 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %12.1 ئاشتى؛ ئىمپورت قىلىش سوممىسى 3 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، %26.8 ئاشتى. سېلىنما جەھەتتىن قارىغاندا، 2017-يىلى ئېلىمىز كارخانىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى 14 مىليارد 400 مىليون دوللار، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن يېڭىدىن ئىمزالىغان قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئېلىش توختام سوممىسى 144 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.5 ئاشتى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان ھەر قايسى تەرەپلەر قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، نۇرغۇن زور تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. شەرقىي ئافرىقا تۆمۈريول تورىنىڭ باشلىنىش بۆلىكى بولغان كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈر يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ تۇنجى تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى، جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يولىنىڭ 1-قارارلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولى، كاراچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو-بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى، مىسىردىكى سۇۋەيش ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىقلار «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

  ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش بولدى. گرۇزىيە، مالدىۋې بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، مولدوۋا، ماۋرىتىئۇس بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ( RCEP ) سۆھبىتىدە پائال نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلدى.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئاتا قىلدى. ئېلىمىز بۇلتۇر «ياردەم بېرىش كۆۋرۈكىنى ئورتاق قۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى راۋانلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، زور ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لىنىيە بويىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بەردى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلايدىغان ياردەم بېرىش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر