باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018.01.26 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن 25- يانۋار مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق دېدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، قىلچە بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 2017-يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھادىسە سانى، چوڭراق ھادىسە، پەۋقۇلئاددە چوڭ ھادىسىدىن ئىبارەت «ئۈچنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇھىم يۈرۈشىشى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا پائال تۆھپە قوشتى. پۈتۈن سىستېمىدىكى يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! يېڭى بىر يىلدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش سىستېمىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاش، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما كەي، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گو شېڭكۈن، ۋاڭ يۇڭلار يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر