باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

90-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتى نامزاتلىرى ئېلان قىلىندى

«سۇ سايىسى» ئەڭ كۆپ تۈردە نامزات بولدى

2018.01.25 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا كىنو سەنئىتى ۋە ئىلمى ئىنستىتۇتى 23-يانۋار لوس ئانژېلىستا 90- نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ نامزات كىنولار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، «سۇ سايىسى» ناملىق كىنو 13 تۈر بويىچە نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، «دۇنكىرك» ۋە «ئۈچ ئېلان تاختىسى» ئايرىم-ئايرىم سەككىز تۈردە ۋە يەتتە تۈردە نامزات بولدى.

  ئادەم بىلەن قوش ماكانلىق غەلىتە مەخلۇقنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن ئاجايىپ غارايىپ ۋەقەلىك فىلىم «سۇ سايىسى» ئەڭ ياخشى فىلىم، ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى ۋە ئەڭ ياخشى ئەر-ئايال يانداش رولچى مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تۈرلۈك مۇھىم مۇكاپاتلارنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى.

  بۇ كىنو بۇلتۇر 8-ئايدا تۇنجى قېتىم قۇيۇلغاندىن بۇيان ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئالدى بىلەن ۋېنىتسىيە كىنو بايرىمىدا ئالتۇن شىر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، يەنە ھوللىۋود مۇكاپات تارقىتىش پەسىلىدە نۇرغۇن مۇكاپاتلاردىن ھوسۇل ئالدى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كىنو «ئۈچ ئېلان تاختىسى» ناملىق كىنو بىلەن ئوسكار ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىنى كەسكىن تالىشىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئىسمىڭىز بىلەن مېنى چاقىرىڭ»، «دۇنكىرك»، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، «جان ئالغۇچ بازاردىن قېچىپ چىقىش»، «زۇلمەتلىك دەقىقىلەر»، «تىككۈچى ئەرۋاھ» ۋە «بىرد خانقىز» قاتارلىق يەتتە كىنو ئەڭ ياخشى كىنو نامزاتىغا كۆرسىتىلدى.

  90-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى لوس ئانژېلىستىكى دۇبى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر