باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە مالىيە كىرىمىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالاشتى، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولدى

2018.01.26 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، 2017-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى 17 ترىللىئون 256 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان؛ ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى مەملىكەت بويىچە 20 ترىللىئون 333 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.7 ئاشقان. مالىيەنىڭ يۈرۈشىشى ئومۇمەن تەكشى بولۇپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېزلەشكەن، قۇرۇلمىسى تېخىمۇ سەرخىللاشقان، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن.

  2017- يىلى، ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن بىر يىللىق ئادەتتىكى جامائەت خامچوتى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئىنت، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.3 پىرسەنت پوئىنت تېزلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت كىرىمى ۋە باج كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن يىلغا ئاستىلاش ۋەزىيىتى ئۆزگەرتىلدى. مەملىكەت بويىچە باج كىرىمى ۋە ئاساسلىق باج تۈرى كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى قايتا ئۆرلەپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى ۋە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدە باج كىرىمىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك بولدى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ باج كىرىمىدىكى ئىپادىسى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللىشىپ، رايونلار ئارا مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش تەڭپۇڭلۇقى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

  2017- يىلى، مەملىكەت بويىچە ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمى تۇنجى قېتىم 20 ترىللىئون يۈەندىن ئاشتى. مالىيە چىقىمى دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ توغرا ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى. يەرلىكنىڭ يۆتكىمە چىقىم كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىنىڭ خىراجەت كاپالىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، «ئۈچ خىل» ھۆكۈمەت خىراجىتى ئازايتىلىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر