باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا چاۋشيەنگە قارىتىلغان جازالاش يېڭى تەدبىرىنى يولغا قويدى

2018.01.25 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 24- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ قورال تەتقىق قىلىپ ياساش تۈرىنى قوللاشقا چېتىشلىق، دېگەننى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن كارخانا، شەخس ۋە كېمىلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەننىڭ «نۆۋەتتە كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى تەتقىق قىلىپ ياسىغانلىقى ھەمدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلغانلىقىغا» ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ قېتىم توققۇز ئەمەلىي گەۋدە، 16 شەخس ۋە ئالتە پاراخوت جازالىنىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى مىنۇچىن باياناتىدا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چاۋشيەن ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ قورال تۈرىگە ياردەم بەرگەن شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنى داۋاملىق «سىستېمىلىق ھالدا» جازالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جازالانغان شەخسلەر ۋە ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلكى توڭلىتىلىدۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ئۇلار بىلەن سودا قىلىشقا بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش تۈرىگە قاتناشقان ياكى ئۇنى قوللىغان دېگەننى باھانە قىلىپ، كۆپ قېتىم چاۋشيەن ئىچى- سىرتىدىكى شەخسلەر ۋە كارخانىلارنى جازالىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى چىققاندىن كېيىن، ئاتالمىش «لىمىتلىق بېسىم ئىشلىتىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چاۋشيەنگە يەنىمۇ ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە بېسىمى قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر