باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئۆي-مۈلۈك ۋاسىتىچىلىك شىركەتلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ تىجارەت قىلىشى قاتتىق تەكشۈرۈلدى

2018.01.29 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- چېسلا، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشى كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: بېيجىڭ 2017- يىلى «17- مارت» ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ۋاسىتىچىلىق ئاپپاراتلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ ھالدا تىجارەت قىلىشىغا قارىتا، يۇقىرى بېسىملىق قانۇن ئىجرا قىلىش ھالىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، نەتىجىدە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ ئەنگە ئېلىنغان ۋە تاقالغان ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى 1000دىن ئاشقان.

  2017- يىلى «17- مارت» ئۆي-زېمىن تەڭشەش-تىزگىنلەش يولغا قويغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ ئەنگە ئېلىنغان ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىدىن 500دىن ئارتۇقراقى بىكار قىلىنغان، 300دىن ئارتۇق دۇكان تاقالغان، 240 نەچچە ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى ئۆزلىكىدىن تاقىدىغان، بۇنداقلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1000گە يەتكەن. 2018- يىلى، بېيجىڭ يەنىلا ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىغا قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىناۋەت باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋە كەسىپكارلارغا ئىناۋەت ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ، كۆپ ئەرز قىلىنغانلارنى ئېلان قىلىپ، بازاردا ياخشىلىرىنى تاللاش ناچارلىرىنى شاللاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، باشقۇرۇش ساھەللىرىدىكى قانۇن-نىزام تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر