باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كارخانىسى ياسىغان «سۈنئىي قۇياش»نىڭ ھالقىلىق ئۈسكۈنىسى ياۋروپاغا توشۇلماقچى

2018.01.29 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا خېرىدار چاقىرىشتا خېرىدارلىققا تاللانغان «سۈنئىي قۇياش»تۈرىنىڭ يادرو بېسىمى ئۈسكۈنىسى ياسىلىپ بولدى. 28- يانۋار «جۇڭگۇاڭ» يادرو قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى باش بولۇپ بىرلەشمە گۇرۇپپا تەشكىللەپ خەلقئارالىق ئۆلچەملىك يادرو 2- دەرىجىلىك ئۆلچەمدىن پايدىلىنىپ بىرلىكتە ياسىغان خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تۈرىدىكى تۆت داتلاشماس پولاتلىق پار سوۋۇتۇش باكى پاراخوتقا قاچىلىنىپ، فىرانسىيەگە توشۇلدى. بۇ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ تۇنجى قېتىم يادور يىغىلىش ئۈسكۈنىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىشى.

  بىرلەشمە تۈرنىڭ مەسئۇلى، «جۇڭگۇاڭ» قۇرۇلۇش شىركىتى تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ فىڭ مۇنداق دېدى: تۈرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ مال تاپشۇرغانلىقىمىز دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ ئۈسكۈنە ياساش، تۈر باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى. تۆت VST ئۈسكۈنىسىدە 163 تۇرۇبا پاياتلاپ ئۇلانغان، ھالقىلىق كەپشەرلەنگەن ئىزىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 400 مېتىردىن ئاشىدۇ، مال تاپشۇرۇش مۇددىتى 15 ئاي بولۇپ، ئوخشاش تۈردىكى يادرو ئۈسكۈنىلىرىنى تاپشۇرۇش مۇددىتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. خەلقئارا ئىسسىق يادرو يىغىلىش تەجرىبىسى (ITER)تۈرىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي سېلىنمىسى 15 مىليارد ياۋرو بولۇپ، بۇنى ياساشقا 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن، تۈر ئولتېرا ئۆتكۈزگۈچلۈك توماك قۇرۇلمىسى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك كونتىرول قىلىنىدىغان ئىسسىق يادرو يىغىلىش رېئاكسىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئادەتتە «سۈنئىي قۇياش»دەپ ئاتىلىدىكەن، ھازىر يەرشارى بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور، تەسىرى ئەڭ زور خەلقئارا پەن-تەتقىقات ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر