باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو بىلەن كۆرۈشتى

2018.01.29 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28- يانۋار چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى تارو كونو بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بىز ياپونىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە يېقىندىن بۇيان ئىجابىي سىگنال چىقىرۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدۇق، بىراق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى كۆپىيىش بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇنى ئىنتايىن تۇراقسىز دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ قەدىرلىشى، بىرلىكتە تىرىشىپ تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك، بۇ يىلقى جۇڭگو-ياپونىيە تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە شەرتنامە روھىنى قايتا ئەسلەپ، تارىخ قاتارلىق نازۇك مەسىلىلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپلارنى ياخشى كونترول قىلىپ، بۇ يىلنى جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى نورمال تەرەققىيات يولىغا كىرىدىغان پۇرسەت يىلىغا ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر