- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر ھەربىي گازارما ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 16 نەپەر ئەسكەر قازا قىلدى
2018.01.29 15:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باماكو خەۋىرى: مالى ھەربىي تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىنىڭ شىمالىي تومبۇكتۇ رايونى سومپۇېيسنىڭ بىر مالى قىسىمنىڭ گازارمىسىدا 27- يانۋار قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 16 ئەسكەر قازا قىلدى، يەنە ئون نەچچە ئادەم يارىلاندى.
شۇ يەردىكى خەۋەردار خادىم مۇخبىرغا مۇنۇلارنى دېدى: ھازىر ھەربىي گازارما تارقاقلاشتۇرۇلدى، تىك ئۇچارمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن رايونلاردا چارلاشنى ئېلىپ باردى. تالاپەتكە ئۇچرىغان مالى ئەسكەرلىرىدىن باشقا، ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايدا ئۈچ نەپەر قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ جەسىتى بايقالدى.
1- ئاي كىرگەندىن بېرى مالىدا ھۇجۇمغا ئۇچىراش ۋە مىناغا دەسسىۋېلىش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەردى. 1- ئاينىڭ 12- كۈنى، فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابى ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۈچ نەپەر فىرانسىيە ئەسكىرى 11- يانۋار مالىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر ئاپتوموبىلدا بومبا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلاندى. 25- يانۋار، بۇركىنا فاسو تەرەپتىن مالىغا كىرگەن ئاپتوبۇس مالىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا مىناغا دەسسىۋېلىپ، 26 ئادەم ئۆلدى، كۆپ ئادەم يارىلاندى. قازا قىلغانلارنىڭ ئىچىدە بۇركىنا فاسو پۇقرالىرىمۇ بار.
2012- يىلى 3- ئايدا، مالىدا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن ئىدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2013- يىلى 4- ئايدا قارار ماقۇللاپ، مالىدا مۇقىملىقنى ساقلاش ئۆمىكى قۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدى. 2015- يىلى 6- ياينىڭ 20- كۈنى، مالى ھۆكۈمىتى بىلەن شىمالىي قىسىم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك قوراللىق تەشكىلاتى ئارىسىدا «تىنچلىق ۋە يارىشىش كېلىشىمى»گە ئاخىرىقى ھېسابتا ئىمزالىشىش تاماملاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر