باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 300 مىلياردتىن ئاشتى

2018.01.29 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-يانۋار، مۇخبىرنىڭ خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى 303 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 300 مىلياردلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى قالدۇق مىقدارى 2 تىرىليون 320 مىلياردقا يەتكەن.

  ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى قالدۇق مىقدارى دېگىنىمىز، مەلۇم مەزگىلنىڭ ئاخىرىدا (ئاي ئاخىرى ، پەسىل ياكى يىل ئاخىرى) ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ (چېگرا ئىچىدىكى غەيرىي پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى ۋە شەخسلەر) پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىن ئېرىشكەن مەبلەغ قالدۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

  قۇرۇلما جەھەتتىن قارىغاندا، ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى سانلىق مەلۇماتى ئەمەلىي ئىقتىسادقا بېرىلىدىغان خەلق پۇلى قەرز پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى قەرز پۇلى، ھاۋالىلىك قەرز، ئىناۋەتلىك ھاۋالىلىك قەرز پۇلى، دىسكونت قىلىنمايدىغان بانكا ئېتراپلىق پېرېۋوت چېكى، كارخانىلارنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسى ئىستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدا خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى ھېسابىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇل قالدۇقى 1 تىرىليون 750 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن 228 مىليارد 150 مىليون يۈەن ئاشقان. خەلق پۇلى ۋە چەت ئەل پۇلى ھېسابىدىكى تۈرلۈك قەرز پۇللار ئاساسلىقى كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش، يول قۇرۇلۇشى ۋە تۈزەش، يېزا ئولتۇراق مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر