باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «پىكىر» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەھەللە پارتىيە ئەزالىرىنى مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى

2018.01.29 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى يېتىشتۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا دەسلەپكى ئۈنۈم يارىتىپ، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەرنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا ئىگە قىلىش، يېزىلاردىكى مەھەللىلەرنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا ئىگە قىلىش كېرەك. يەنە 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوللاش تەدبىرىلىرىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، ئومۇمىي تەرەققىياتنى تېخىمۇ تەرتىپكە سېلىپ رولىنى تېخىمۇ روشەن جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىشىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۈچلۈك تىرىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشىدىكى مۇھىم كۈچ. «پىكىر» دە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: مەھەللە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، مەھەللە مۇلازىمىتى بىەن تەمىنلەش؛ ئىككىنچىدىن، ئاھالىنىڭ قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش؛ ئۈچىنچىدىن، مەھەللە مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ تۆتىنچىدىن، مەھەللىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر