خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 280يانۋار سائەت 17 دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، دۇنيا بويىچە تۇنجى دۆۋىلىمە، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى فۇچىڭ يادرو ئېلېكتىر 5-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى دۆۋىلىمە بېسىملىق ئىدىشنىڭ ئېسىپ قوراشتۇرۇش دۆۋىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ ئۈسكۈنە ئېلىمىزنىڭ تۇنجى پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتر، يادرولۇق ئۈسكۈنە بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ 3-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتر تېخنىكىسى ئاچقۇچلۇق ئۈسكۈنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ قېتىمقى ئوڭۇشلۇق ئېسىپ قۇراشتۇرۇش «جۇڭخۇا ئەجدىھاسى-1» ناملىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ كېيىنكى قۇراشتۇرۇش خىزمىتىگە ياخشى شارائىت يارىتىپ، ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى لايىھەلەش ۋە ياساش تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتارغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى