باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويىدۇ

2018.01.29 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىككى يىغىندىن ئۇقۇشۇمچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى «بۇلغىمىنى قۇرۇلمىلىق ئازايتىش»تىن «بۇلغىمىنى ئىچكى ئامىللىق ئازايتىش»قا ئۆزگىرىپ، ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئانالىز قىلىش ئاساسىدا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، 2018-يىلى ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىشكە تىرىشىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرى 2018-يىلى ئازوتنىڭ ئوكسىدلىرى ۋە پارلىنىشچان ئورگانىك ماددىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېغىر تىپلىق ئاپتوموبىل ۋە پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرنى نۇقتىلىق باشقۇرۇپ كونترول قىلىدىكەن ۋە تەدرىجىي تۇرمۇش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇملاشتۇرىدىكەن. شۇنداقلا بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىما مەنبەسى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئالدىن تارقىتىپ، مۇقىم بۇلغىما مەنبەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى بىر كىنىشكا بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراشنى ئىنچىكە باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر