باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمى ئاشتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشتى، يېزىلار يېشىللىققا پۈركەندى

يېزا-كەنتلەر گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى تۈرتكىسى تېز يېتىشتۈرۈلدى

2018.01.29 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېھقانلارنى خىمىيىۋى ئوغۇت سېتىۋالغاندا ئالدىن پۇل تاپشۇرماي، پۇلنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغان بىۋاسىتە سېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان بىر تۈركۈم ياشلار نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك ماتىرىياللىرى مۇددەتكە بۆلۈپ پۇل تۆلەش ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى قۇردى ۋە بۇ يىل ئەنخۇيدىكى 10 نەچچە ناھىيەدە كېڭەيتتى، دېھقانلار بەس-بەستە 10 مىڭ توننىغا يېقىن خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋالدى. ھازىر بۇ شىركەت كەسىپ دائىرىسىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمەت كەسپلىرىنىڭ كۆپ قىسمىغا كېڭەيتتى. يېزىلاردا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى تۈرتكىلىرى بارلىققا كېلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلارنىڭ يېشىللىققا پۈركىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يېڭى كەسىپلەر، يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنى زورايتىش، يېڭى سۇبيېكت يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كۆپ خىل شەكىلدە ئىلگىرى سۈرىدىغان، كۆپ سۇبيېكت قاتنىشىدىغان، كۆپ مېخانىزىملار بىرلەشكەن، كۆپ ئامىل كۈچ چىقىرىدىغان، كۆپ كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىدىغان كۆپ مەنبەلىك ئىلگىرى سۈرۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى. بۇلتۇر 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ ئاساسىي تىجارەت كەسپىي كىرىمى 15 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنگە، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 968 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 2016-يىلدىكىدىن 5.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاشتا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، دەسلەپكى پىششىقلاش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى.

  ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھىتى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھىتىنىڭ تەمىنلەش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ، ئامىل بايلىقى تېخىمۇ جانلاندى. بۇلتۇرغىچە، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە سەھرا ساياھىتىنىڭ ھەر خىل تىجارەت سۇبيېكتى 330 مىڭ ئائىلىگە، تىجارەت كىرىمى 550 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر